ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ھۈرمەتلىك تورداشلار!
سىلەر ئۈچۈن تەييارلانغان بو ئىسلام نۇرى توربېتىگە قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىڭلارنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. ئاللاھ بىز ۋە پۈتۈن خەلقىمىزگە بەخت سائادەت ئاتاقىلسۇن، ئامىن.
ھۈرمەتلىك تورداشلار!
زاماننىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ئويلىمىغان تېخنىكىلار ئوتتۇرىغا چېقىپ يەرشارى گويا بىر شەھەرگىلا ئايلىنىپ قالدى. بۇ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ راس - ھەقىقى پەيغەمبەرئىكەنلىكى شۇنداقلا پۈتۈن دۇنياغا پەيغەمبەر قىلىنىپ ئەۋەتىلگەنلىكىنىڭ بىردىن بىر ئىسپاتىدۇر.
بىز مۇ بۇ تېخنىكىلەردىن پايدىلىنىپ ۋە خەلقىمىزگە پايدا يەتكۈزۈش ئۈچۈن مۇكەممەل شەكىلدە بۇتوربەتنى تەييارلاپ چىقتۇق.
خەلقىمىزنىڭ دىنىي ۋە مەدەنىي ساپاسىنى ئۈستۈرۈش شۇنداقلا ئەنئەنۋى ئۆرپ ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىش ھەربىر ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مەجبۇرىيىتى. شۇنىڭ ئۈچۈن توربەتنى پايدىلىق مەلۇماتلار بىلەن بېيىتىپ خەلقىمىزگە خىزمەت قېلىش ئۈچۈن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىز بلەن ھەمكارلىشىشىنى ۋە ياردەم قوللىرىنى سۇنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئەگەر قېرىنداشلىرمىزدا ھەرقانداق ماۋزۇغا ئائىت توپلانغان ماتېرىياللار بولسا توپلىغان قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ئىتتىپاقلاشقان ھالدا كىتاب شەكىلدە نەشر قىلىپ تارقىتىلىدۇ.
ئەسكەرتىش:
ھۆججەت يوللىماقچى بولغان قېرىنداشلىرىمىز ھۆججەتنىڭ خەت نۇسخىسىنى UKIJ TUZ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئاخىردا تورداشلىرىمىزنىڭ توربەت توغرۇلۇق پايدىلىق پىكىر ۋە نەسىھەتلەر بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئالاقىلىشىش ئادرېسى: geriyb2008@hotmail.com QQ859831963
ئىسلام نۇرى توربەت گۇرۇپپىسى